سۇپا كارخانىلىرى رەقەملىك تېخنىكىنى يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-07 11:01
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سۇپا كارخانىلىرى رەقەملىك تېخنىكىنى يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىنى پائال يارىتىپ، بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچىلەر، توردا زاكاز قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.
ئېلىمىزنىڭ تور بۇيرۇتمىلىرىنى يەتكۈزۈش خادىملىرى 12 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچىلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2000 دىن ئارتۇق ناھىيە بازىرىنى قاپلاپ، ئىشقا قوبۇل قىلىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، سۇپا كارخانىلىرىمۇ ئالاقىدار ھوقۇق ـ مەنپەئەت كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خولالا بازىرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ گوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« 2025-يىللىق ئومۇمىي خەلق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پەسلى» يولغا قويۇلۇپ، شوپۇر، ئۆي كۆچۈرگۈچىلەر، يۈگۈر-يېتىم ئىش قىلغۇچىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 650 مىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، شوپۇرلارنىڭ زاكاز قوبۇل قىلىشى ۋە كىرىمىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، دى دى تور زاكاز ئاپتوموبىل شىركىتىگە مەملىكەت بويىچە قوبۇل قىلىنغان يېڭى شوپۇر 770 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جېجياڭ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، شاڭخەي قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا 280 مىڭدىن ئاشتى. دېدى تور زاكاز ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۈن شۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شوپۇر قوبۇل قىلىش، شوپۇرلارغا كۈندىلىك ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شوپۇرلارغا بولغان پاراۋانلىق غەمخورلۇقى، ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالىتىنى سىجىل زورايتىمىز.
بۇ يىل دۆلەت يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى خادىملارنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكىنى 17گە كۆپەيتتى. نۇرغۇن سۇپا كارخانىلىرىمۇ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتىدۇ. مېيتۈەن بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچىلەر كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ما ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر 7 مىليونغا يېقىن خادىم ئۈچۈن كەسپىي زەخىم كاپالىتى تاپشۇرۇلدى، كەلگۈسىدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى تولۇق ۋەزىپىلىك ۋە مۇقىم قوشۇمچە ۋەزىپىلىك بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇلىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش فۇجيەننىڭ چۈەنجۇ، جياڭسۇنىڭ نەنتۇڭدىن ئىبارەت ئىككى شەھەر رايونىدا باشلاندى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى