جاڭ گوچىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مىيۈن رايونىغا بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
جاڭ گوچىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بېيجىڭ داشۆسى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ مىيۈن دوختۇرخانا رايونى، مىيۈن رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى، يېڭى يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، مىيۈن سۇ ئامبىرىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلارنىڭ كەلكۈن ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى ۋە خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى قايتا-قايتا تاپىلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا كەينى-كەينىدىن مۇھىم يوليورۇق بەردى ۋە تەستىق سالدى. زۇڭلى لى چياڭ كۆپ قېتىم تەستىق سالدى. جايلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، قازا قىلغانلارنىڭ كېيىكى ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
جاڭ گوچىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، يۇقىرى ئېقىندىن كېلىدىغان سۇنىڭ ئېنىقسىزلىقى، سۇ ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى كەلكۈن ئاققۇزۇش خەتىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، كەلكۈن ئاققۇزۇش رىتىمىنى ئىلمىي، توغرا ئىگىلەپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئازايتىش كېرەك. سۇ رايى، ھاۋارايى قاتارلىق تارماق ھالقىغان ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىش ۋە رايون ھالقىغان بىرلەشمە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ كەلكۈندىن ماس قەدەمدە مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاغ كەلكۈنى جىلغىسى ئېغىزى، تىك داۋان، دەريا يولى ساھىلى، ئويمانلىق قاتارلىق خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى رايونلار ۋە كېچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىش قاتارلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى مەزگىللەرگە دىققەت قىلىپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن كەسكىن قوللىنىش؛ قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ قاتارلىق ھەرىكىتى قولايسىز ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىخەتەر يۆتكىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









