جاۋ لېجى شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-06 12:36
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھەمدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فېرناندا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ خورتا جۇڭگو-شەرقىي تىمور تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. جۇڭگو شەرقىي تىمور بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ تېز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو شەرقىي تىمورنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شەرقىي تىمورنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، شەرقىي تىمورنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئاۋۋالقىدەكلا قەتئىي قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق قوغدىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئەل رايى رىشتىنى چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى توغرا تارىخ قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتى ئۇزۇن مۇددەت دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى، ئىككى تەرەپلىك دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.
فېرناندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تىمورغا مۇھىم ياردەم بەرگەنلىكى ۋە شەرقىي تىمورنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. شەرقىي تىمور بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، ئۇل ئەسلىھە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ.
تيې نىڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









