ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-06 12:38
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىدىن ئىلگىرىلەش كۈچى ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشىمىز كېرەك. ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قەتئىي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، «بەشنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، مىللەتنىڭ ئورتاق بېيىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
لى گەنجيې، شېن يىچىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى 2024-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس ۋە كوللېكتىپ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 149 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان نەمۇنىلىك ۋەكىللەرنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قاتنىشىشقا تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىندى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى