ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ 2025-يىللىق يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-10 15:14

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا 2025-يىللىق يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى بەرپا قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئېلېكتىر ئېھتىياجىنى پاكىز ۋە يېشىل ئۇسۇل ئارقىلىق قاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  يەر شارى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، بۇ تەشەببۇس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.
خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يەر شارى ئېنېرگىيە سىستېمىسى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىزچىل تۈردە دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتىنىڭ قەتئىي ھەرىكەت قىلغۇچىسى، مۇھىم تۆھپىكارى بولۇپ كەلدى. يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى يۈزلىنىش ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگوچە ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى.
خەن جېڭ مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش، ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرۇش، ئەقلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. ئېنېرگىيەدىن پاكىز پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن زامانىۋى ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئېنېرگىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش. ئېنېرگىيەنىڭ ئېرىشىشچان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. دۆلەت، رايون ھالقىغان ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى يىغىنىنى يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى تەرەققىيات ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇردى، بۇ  7-نۆۋەتلىكى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن مىڭغا يېقىن مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ نەتىجە كۆرگەزمە ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان تەشكىلاتلار ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ 2025-يىللىق يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا 2025-يىللىق يەر شارى ئېنېرگىيە ئىنتېرنېتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.