ۋاڭ خۇنىڭ گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرىنىڭ تەيۋەن تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شياۋ شۈسېن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرىنىڭ تەيۋەن تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ رەئىسى جېڭ لىۋېنغا يوللىغان مۇھىم تەبرىك تېلېگراممىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئاساسىدا، جۇڭگو گومىنداڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەندىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئالاقىىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى، قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇش گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئالاقىسىنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساسى، ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇنىڭدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز؛ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ماسلىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا تېخىمۇ كەڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىپ بېرىشىمىز كېرەك. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك كارخانىلارنىڭ «15-بەش يىل»لىق پىلاننى يولغا قويۇشقا قاتنىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى قارشى ئالىمىز. گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا پايدىلىق ئىش بولسىلا باشلامچىلىق بىلەن قىلىشى كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل سۈن جۇڭشەن ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 160 يىللىقى. گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت-سائادىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









