14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-سانلىق يىغىنى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.
2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭ شياۋچاۋ بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندىن كېيىن، گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى.
گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 60-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، بۇ دوكلاتنى يېپىلىش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن، يېپىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









