ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-15 10:17

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، بايرام مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش، چاغانلىق تىرانسىپورت، چاغانلىق مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغانلىق  تىرانسىپورت كاپالىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى خۇشال، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لى چياڭ دۆلەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابىنىڭ مەركەزلىك بىرلەشمە نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىغا بېرىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك - تەييارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاغان ھەممە ئائىلە جەم بولىدىغان كۈن، نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. جايلار ۋە تارماقلار نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۈچنى تولۇقلاپ ۋە سەپلەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان، ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى، يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
لى چياڭ ۋىدىيو سىستېمىسى ئارقىلىق،  چاغان مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاغانلىق تىرانسپورت قاتناش تىرانسپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىنايدىغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، بۇ يىللىق دەم ئېلىش ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئۇزۇن، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر. تىرانسپورت كۈچىنى تەقسىملەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق رايونلار، قىزىق لىنىيەلەر، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى تىرانسپورت كۈچى تەمىناتىنى كۈچەيتىش؛ خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توكلاش، ماي قاچىلاش، ئالمىشىپ يول يۈرۈش جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بېرىش؛ ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوللارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارقىدىن لى چياڭ كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئوت ئۆچۈرۈش، زور قۇرۇلۇش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، چاغانلىق تىرانسىپورت، چاغانلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىخەتەرلىك تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پوجاڭزا ۋە خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار جەھەتتىكى خەۋپ-خەتىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زاۋۇت، كان، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەم توپلاشقان جايلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق ئاممىنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر تۈگىتىش كېرەك.
لى چياڭ يەنە بايرام مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرى ۋە ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ساياھەتكە چىقىپ بايرام ئۆتكۈزۈشنى تاللاۋاتىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قاتناش، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەرز-شىكايەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. كىشىلەر ئېقىمىنى كۆزىتىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، نەق مەيدان تەرتىپىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ ھەمراھ بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، بايرام مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش، چاغانلىق تىرانسىپورت، چاغانلىق مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.