ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «سۇ تەمىناتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-15 10:18

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «سۇ تەمىناتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2026-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»نى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت، سۇ تەمىنات ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ تەمىنات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ تەمىنات مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش.
«نىزام»دا سۇ تەمىنات ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئاي دىڭلاشتۇرۇلۇپ، سۇ تەمىنات مەنبەسى كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ تەمىنات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ تەمىنات تىجارەت مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇ تەمىنات ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ تەمىناتى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «سۇ تەمىناتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «سۇ تەمىناتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2026-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.