شىنخۇا ئاگېنتلىقى يولداش لى شىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تارقاتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يولداش لى شىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 15-بەش يىل مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى» دېگەن تېمىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تارقاتتى.
دوكلاتتا 2025-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋېزىيە خىزمىتى يەكۈنلەندى، 2026-يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋېزىيە ئورگانلىرىدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋېزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋېزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 15-بەش يىل مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









