ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنى يېپىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-03 15:35

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى دائىملىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، مېخانىزملاشقان تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي ئومۇمىيەتنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، فۇنكسىيەنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت تۈزۈمى، مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2026-يىلى، خەلق سىياسىي كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ،«ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «15-بەش يىللىق»پىلاننى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، «15-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن ئەل قەلبى، ئورتاق تونۇش، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىش لازىم.
يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالما (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى. ئالاقىدار لايىھەلەر ۋە دوكلاتلار سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ يولداش چى بىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى؛ يولداش تاڭ لياڭجى مائارىپ، ئېلىم-پەن، سەھىيە، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.
يىغىندا خەن ۋېيگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەۋسىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن، ليۇ لېي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومتىېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن، گاۋ جىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، خەن ۋېيگو، ليۇ لېي، گاۋ جىنلارنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ جاڭ كېجيەننى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ ياڭ خۇي، لى شېڭلۇڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومېتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ ۋاڭ چۈنرۇنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.
يىغىندا ۋاڭ شىڭخۇەن، جاڭ دۇڭچېن، ساۋ جيەنگو، ليۇ گويۆ، ما جېڭۋۇ، فەن يۇشەن، زېڭ يى، يۈ پېيگېن، تيەن شۆبىن، خې سۇڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ئېتىراپ قىلىندى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ تەكلىپكە بىنائەن «سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتەيلى»دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنى يېپىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى.