لى چياڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى جېتتېىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئوچۇق، ئەمەلىي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كۈچىيىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال قانچە يۈز بەرگەنسېرى، بىز ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر سۆزلىشىپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا قاتارلىق سۆھبەت مېخانىزملىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ. گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جېتتېن مۇنداق دېدى: گوللاندىيە يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشنى خالايدۇ. گوللاندىيە ياۋروپا-جۇڭگو سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









