دىڭ شۆشياڭ 2026-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15-بەش يىلدا جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، قۇدرەت تېپىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى كۈچەپ قۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، بېيجىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغىچە كېڭەيتىشنى، شاڭخەي خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى چاڭجياڭ دېلتىسىغىچە كېڭەيتىشنى جاكارلىدى ھەم ئۈچ چوڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا مەركەزلىك كۈچەش بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش، سىياسەتنى گىرەلەشتۈرۈش، كۈچنى ماسلاشتۇرۇش، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى ئىقتىدارى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكا بايلىقى ۋە ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يول ئېچىش ئاۋانگارتى بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان يېڭىلىق يارىتىش تورى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەمكارلىق رىشتىسىنى چىڭىتساق. ئىككىنچى، تېخىمۇ كەڭ، كۆپ مەنبەلىك پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولساق. ئۈچىنچى، تېخىمۇ باراۋەر، ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان پەن-تېخنىكىنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان قائىدە توقۇنۇشى، ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەر، ئېتىكا خىرىسىغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرساق.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ جۇڭگۇەنسۈن كۆرگەزمە مەركىزىدىكى دائىملىق كۆرگەزمىنى كۆردى، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى، كارخانا مەسئۇللىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









