خەن جېڭ كېنىيەدە زىيارەتتە بولدى
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ كېنىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كىندىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە كېنىيەدە زىيارەتتە بولدى، نايروبىدا كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن كۆرۈشتى، كېنىيەنىڭ جۇڭگوغا باجسىز ئېكىسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو-كېنىيە سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
خەن جېڭ رۇتو بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ رۇتوغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇلتۇر 4ـ ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-كېنىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قارار قىلىپ، جۇڭگو-كېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. جۇڭگو كېنىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-كېنىيە ھەمكارلىقىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشنى خالايدۇ.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ 15ـ بەش يىلىنىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو بىلەن كېنىيە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-كېنىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. كېنىيەنىڭ تەيۋەن قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگو كېنىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتكە قارىتا يولغا قويغان تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنىڭ پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك. جۇڭگو كېنىيەنىڭ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، كېنىيە بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
رۇتو خەن جېڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام ۋە ياخشى تىلەكلەرنى يوللدى، كېنىيەنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدىغانلىقىنى، تاموژنا بېجى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش ۋە ھۆججەت ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەن جېڭ كېنىيەنىڭ جۇڭگوغا باجسىز ئېكىسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو-كېنىيە سودا مۇنبىرىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو كېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداش بولۇشنى؛ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇشنى؛ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پروگراممىسىدا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى تەسۋىرلەندى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، ئۆزئارا نەتىجە يارىتىدۇ.
خەن جېڭ كېنىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، يەنە كېنىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كىندىكى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ب د ت نايروبى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بانگۇلا قاتارلىق ب د ت نىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى، مومباسا-نايروبى تۆمۈر يول باشقۇرۇش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە كېنىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلغان تاموژنا بېجى ئالماسلىق سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان تاۋارلىرى قاچىلانغان تۇنجى يۈك پويىزىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









