ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى ئەزەربەيجان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-26 15:40

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئەزەربەيجان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى قافاروۋا، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى سكلىيار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى قافاروۋا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئالىيېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى يۇقىرى سۈپەتلىك، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى مىزان قىلىپ، ئۆزئارا قوللاش دوستلۇق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىش تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى يارىتىپ، ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەزەربەيجان خەلق كېڭىشى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. جاۋ لېجى يەنە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
قافاروۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنى جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولىنى نامايەن قىلدى. ئەزەربەيجان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى سكلىيار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوست قوشنىلار ۋە بىر-بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېۋ ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭگو-قازاقىستان دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
سكلىيار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. قازاقىستان قانۇن چىقىرىش، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى







中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى ئەزەربەيجان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا