لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 19-قېتىملىق مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى
گوۋۇيۈەن 4-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە ئېنىرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» باش تېمىسىدا 19-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش قىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئېنېرگىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، خۇەيرۇ دۆلەت تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ گۇاڭفۇ چۈشەندۈرۈش بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
لى چياڭ چۈشەندۈرۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، چوقۇم كۈلپەت ئېڭىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە. تىرىلمە ئېنېرگىيە تەمىنات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى توپلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قاتما ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر بىلەن توكنىڭ ئاساسىي كاپالەت خاراكتېرلىك ۋە سىستېمىلىق تەڭشەش خاراكتېرلىك توك مەنبەسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىخەتەر، ئىشەنچىلىك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، چىداملىق، ئەقلىي، جانلىق يېڭىچە ئېلېكتىر تورى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە ئىسپات بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل ئېنېرگىيە ياراتقۇچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى بازار ئارقىلىق يېشىل قىممەتنى نەقلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تىجارەت سۇبيېكتى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئابونتلىرىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









