14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 66-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى، جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 66-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۈنيىڭ بەرگەن تۈرمە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قانۇنى لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىنالىغا قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لۇ چىنجيەن بەرگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە ئەدلىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان ئارگىنالىغا قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن بەرگەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىناللىرى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









