ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىڭ شۆشياڭ 9-نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئالىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت سۆزى قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-30 15:41

9-نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئالىي يىغىنى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى فۇجۇدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت سۆزى قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئەقلىيلەشتۈرۈش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش-جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، يېڭىلىققا، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن نۇرغۇن تەرەققىيات كارتىنىلىرى سىزىپ چىقىلدى. نۆۋەتتە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئەقلىي ئىقتىساد يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويماقتا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەر تەرەپلىمە قۇۋۋەت قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، بەش نۇقتىلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش. پەقەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن ھەر قانداق چەكلەش ۋە بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، قوللىنىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقىل +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش. ئۈچىنچى، ئېكولوگىيەنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ باش-ئاياغ ھالقىسى، كۆپ سۇبيېكتلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۆتىنچى، ئېچىۋېتىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش. سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېپىق تام قوپۇرماستىن، بەلكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكى سېلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك. بەشىنچى، بىخەتەرلىكنى كونترول قىلغىلى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، دىڭ شۆشياڭ 9-نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئالىي يىغىنى نەق مەيدان ھېس قىلىش رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىڭ شۆشياڭ 9-نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئالىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت سۆزى قىلدى

9-نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئالىي يىغىنى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى فۇجۇدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت سۆزى قىلدى.