ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ 80-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-30 15:42

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا 80-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بېربوك بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇلتۇر 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدا ئېنىق سىگنال چىقاردى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇشى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى بىرلىكتە قوغداش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
بېربوك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسنى ئالقىشلايمەن، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، يەر شارىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ 80-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا 80-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بېربوك بىلەن كۆرۈشتى.