ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-05-13 15:47

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاجىكىستان پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.
راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى تامامەن قوللايدۇ. تاجىكىستان جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خۇشال، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تيې نىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.