ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ بىرونېينىڭ تەخت ۋارىسى بىللاخ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-05-13 15:48

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا بىرونېينىڭ تەخت ۋارىسى بىللاخ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-بىرۇنېي دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ھالقىغان دوستلۇق ئالاقىسىدە يىلتىز تارتقان بولۇپ، دۆلەتلەر ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ سۇلتان ھەسەن نال بىلەن جۇڭگو ـ بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ بايا سىز بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم پىكىر بەردى. بۇ يىل جۇڭگو-بىرۇنېي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، جۇڭگو بىرۇنېي بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو ـ بىرۇنېي ھۆكۈمەتلىرى ئارا بىرلەشمە يېتەكچىلىك كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈرلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەت، مائارىپ، يەرلىكلەر، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىمىز. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، رايون مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
بىللاخ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىرۇنېي بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. بىرۇنېي بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرۇنېي رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ بىرونېينىڭ تەخت ۋارىسى بىللاخ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا بىرونېينىڭ تەخت ۋارىسى بىللاخ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.