ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-05-13 15:51

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ  5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى پىلان تۈزدى. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، سودا-سېلىنما، قېزىلما بايلىق، ئۇل ئەسلىھە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.