ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-03 10:13

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىئېرا بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سىجىل، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن ـ ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى، بىرازىلىيە بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-بىرازىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى، قوشۇلما قىممىتى تېخىمۇ زور  بولۇش ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ۋىئېرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردا بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى جەريانىدا يەنىمۇ كۈچەيدى. نۆۋەتتە كۆپ تەرەپچىلىك مىسلى كۆرۈلمىگەن زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىئېرا بىلەن كۆرۈشتى.