خەلقئارا خەۋەرلەر
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 2018-يىللىق خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 2030-يىلىغا بارغاندا نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەققىدىكى بېكىتىلگەن نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساھەلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ۋاقىت جىددىي بولسىمۇ لېكىن مەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنۇلار ئايان بولدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگو جەلپ قىلغان چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى %6 ئېشىپ، ئومۇمىي سوممىسى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ھالقىپ، دۇنيا بويىچە چەتئەلنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى ئەڭ كۆپ كىرگەن دۆلەتكە ئايلانغان.
2018-10-16
2018-10-16
2018-10-16
2018-10-16
2018-10-16
2018-10-16
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-14
2018-10-13
2018-10-13
2018-10-13
2018-10-13
2018-10-13