ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى: غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش تەييارلىقى پۈتمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 17:50

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر 12-يانۋار بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدە: غەربىي بالقان دۆلەتلىرى ئىتتىپاققا كىرىشكە تەييارلىنىپ بولمىدى، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ھېچقانداق يېڭى ئەزانى قوبۇل قىلمايدۇ دېدى.

جونكېر مۇنداق دېدى: غەربىي بالقان دۆلەتلىرى ئىتتىپاققا كىرىشنىڭ زۆرۈر شەرتىنى تېخى قاندۇرالمىدى، بۇ دۆلەتلەر ئىتتىپاققا كىرىش تونۇشىنى قايتىدىن تىكلىشى كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.