باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىراجىتى كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2011-03-23 17:32:44
 

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت سارايلىرىنىڭ ھەممىسى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىغا توسالغۇسىز كىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «گۈزەل سەنئەت سارايلىرى، ئاممىۋىي كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» ئېلان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىدىن سېلىنما كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئاممىۋىي پاراۋانلىق مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرى خىراجىتى كاپالىتى مېخانىزمى ئورنىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، گۈزەل سەنئەت سارايلىرى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، نورمال ھەرىكەتلەندۈرۈش ھەمدە ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخسۇس مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، كەسپىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، ئەسلىھە ئەسۋابلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋى مەدەنىيەتكە كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى گۈزەل سەنئەت سارايلىرى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىغا ئىئانە قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىراجەتنىڭ كېلىش مەنبەسى يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق