باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز بىلەن توك تارقىتىش تۈرىگە سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ئورۇنلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-29 16:14:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىزدە نۆۋەتتىكى يەككە گېنېراتور ئۈنۈمى ئەڭ چوڭ بولغان تەبىئىي گاز بىلەن توك تارقىتىش تۈرى خۇانېڭ چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېقىلغۇ گېنېراتورى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم بۆسۈش بولدى. ئېلېكتىر ئىستانسىسى سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى 29-دېكابىر پۈتۈپ، كېلەر يىلى 6-ئايدا 470 مىڭ كىلوۋاتلىق تۇنجى گازلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا ئۆز قەرەلىدە توك تارقىتىشقا ئاساس سېلىندى. بۇ تەبىئىي گاز بىلەن توك تارقىتىش تۈرى قۇرۇلۇشىدىكى 470 مىڭ كىلوۋاتلىق F9 دەرىجىلىك بەش تەبىئىي گازلىق سوغۇق، ئىسسىق ئېلېكتىر بىرلەشتۈرۈلگەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى ئىككى مىليون 350 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار يەككە ھاۋا سۈمۈرۈش بىرلەشمە ئايلانما گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئەسلىھەسى ۋە گاز بىلەن توك تارقىتىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغان، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارى ئاران 30 مىللىگرام بولۇپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىن خېلىلا تۆۋەن. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چۇڭچىڭنىڭ توك تەمىنات-تەلەپ زىددىيىتىنى ھەل قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق