باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يەتىكەن سىستېمىسى بىر يىلدىن بۇيان مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-30 09:41:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەتىكەن سۈنئىي ھەمرا يول باشلاش سىستېمىسى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ رايون مۇلازىمىتى قىلغاندىن بۇيان، بىر يىل ئىشلىتىلدى، تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇقىم بولغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

يەتىكەن سىستېمىسى ئېلىمىز مۇستەقىل ياسىغان، مۇستەقىل ھەرىكەتلىنىدىغان، دۇنيادىكى باشقا سۈنئىي ھەمرا يول باشلاش سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىپ تەڭ ئىشلىتىلىدىغان يەر شارى سۈنئىي ھەمرا يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپ، ھازىرقى يول باشلاش ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقى 10 مېتىر كېلىدىكەن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 150 مىڭ نۇقتىلىق توشۇغۇچى ئاپتوموبىل، 50 مىڭدىن ئارتۇق بېلىقچى كېمىسىغا يەتىكەن تېرمىنالى ئورنىتىلدى،  ئاددىي پۇقرالارغا تېخىمۇ يېقىن بولغان ئاپتوموبىل  يول باشلاش مەھسۇلاتىمۇ يەتىكەن كەسىپ ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى،   ئۆزەك، بۆلەك، تېرمىنال ۋە ئاپتوموبىلنى پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردا  كارخانىلار تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشتى، كېلەر يىلى يەتىكەن ئۆزىكىنى يول باشلىغۇچى قىلغان يانفون قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يەتىكەن سېستىمىسىدە 14 سۈنئىي ھەمرا بار بولۇپ، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئېلىمىز ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلغار بولغان يەتىكەن سۈنئىي ھەمرىيىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىدۇ، 2020-يىلىغا بارغاندا، 40 سۈنئىي ھەمرا گۇرۇپپىلار تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەتىكەن سىستېمىسى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلايدۇ، ئورۇن بەلگىلەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مېتىردىن تەخمىنەن 2.5 مېتىرغا ئۆستۈرۈلىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق