باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىنچە چارىسى ھەققىدە پىكىر ئېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-03 10:31:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى تۆنۈگۈن «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىلىق چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» ھەققىدە ئاشكارا پىكىر يىغدى، پىكىر ئېلىش 2014-يىلى 7-دېكابىرغىچە بولىدۇ.

پىكىر نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالاھىدە قېيىنچىلىق بار بېقلىدىغانلار ۋە باشقا ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بارلار ئالاقىدار داۋالاش قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. داۋالاش قۇتقۇزۇشنى ھەق ئېلىش تولۇقلىمىسى، داۋالاش ھەققى تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت بەلگىلىمە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇرالغۇ قېيىنچىلىقى بار ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، تارقاق بېقىلىدىغان ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بارلارنى تۇرالغۇ جەھەتتىن قۇتقۇزىدۇ؛ تۇرالغۇ جەھەتتىن قۇتقۇزۇش ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئىجارىگە بېرىش، تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئېلىش تولۇقلىمىسىنى تارقىتىش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا يولغا قويىلىدۇ.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، پىدائى مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر ئىجىمائىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشسا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە تولۇقلىمىسى، باج كىرىمىدە ئېتىبار بېرىش، ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھىرىمان بولىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق