باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 08:08:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئىككىنى ئاساس قىلىش»،«ئىككىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسى مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم «ئىككىنى ئاساس قىلىش» كېرەك.

بىرىنچى: «چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئاساس قىلىش، يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىغان ۋە دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىلىرىغا دوكلات قىلىش. ئىككىنچى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەندە ۋە تەكشۈرۈگەندە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرىنى ئاساس قىلىش. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى بىرىنچى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئۇلارنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەندە ۋە تەكشۈرگەندە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرىنى ئاساس قىلىش ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا نازارەت قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا پايدىلىق.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم «ئىككىنى ئومۇملاشتۇرۇش» كېرەك. بىرىنچى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركەز دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنى تەسسىس قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن نام، بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش. ئىككىنچى: مەركەز، ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، ۋە مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، يەرلىك، تارماق، كارخانا كەسپىي ئورۇنلاردا بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇش.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق