باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
چاغانلىق ساياھەت بازارلىرى جەنۇب، شىمالدا تەڭلا قىزىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 09:12:20

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل چاغان ئالتۇن ھەپتىسىنىڭ 3-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايراملىق ساياھەت بازارلىرى قىزىپ كەتتى، پائالىيەت مەزمۇنى مول بولدى، شىمالدىكى قار-مۇز ساياھىتى، جەنۇبتىكى سوغۇقتىن دالدىلىنىش ساياھىتى تەڭلا قىزىشتەك ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلدى.

مۇخبىرنىڭ چاغاننىڭ 3-كۈنى كەچتە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى باش نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە شىمالدىكى قار-مۇز ساياھىتى، جەنۇبتىكى سوغۇقتىن دالدىلىنىش ساياھىتى يەنە بىر قېتىم چاغانلىق ساياھەت بازارلىرىدىكى ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىككە ئايلانغان. «ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇپ، سىرتقا چىقىپ چاغان ئۆتكۈزۈش» ئات يىلىدىكى چاغاندا يېڭى مودىغا ئايلانغان. خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلار %70 تىن ئاشقان. خەينەننىڭ خەيكۇ پورتى 20-يانۋاردىن بۇيان ھەر كۈنى ئارالغا كەلگەن بەش مىڭدىن ئارتۇق ماشىنىنى كۈتۈۋالغان. ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەش، قىسقا يوللۇق ساياھەت-جياڭسۇنىڭ بايراملىق ساياھىتىدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك بولدى، ۋۇشىنىڭ لىڭشەن قاتارلىق ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىلىرىغا ئادەم پاتماي قالدى. خۇنەننىڭ جاڭجياجى، شاۋشەن، نەنيۆ، يۆياڭ قاتارلىق جايلىرىدا ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلار ئومۇمىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىنىڭ %80 نى ئىگىلىدى. ھازىرغىچە، چاغان ئالتۇن ھەپتىسىگە تۆت كۈن بولدى، جايلاردىكى بايراملىق ساياھەت بازارلىرى داۋاملىق قىزىپ كەتتى، پائالىيەت مەزمۇنى مول، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، تەرتىپلىك بولدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق