باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
لى كېچياڭ د ئى م نىڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 10:06:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

    يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2014-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 
    نىزامنىڭ ئومۇمى پىرىنسىپىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قوماندانلىقىدا ، مەزكۇر مەمۇرىي رايوننىڭ مەخپىيەتلىك خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، ئورگان، ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قىلىپ بېكىتىۋالماسلىقى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك، ئورگان، ئىدارىلەردە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
نىزامدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى باشقۇرۇش ھەققىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ۋاستىسى نۇقتىنى ئېنىقلاش، نومۇر بېكىتىش، تىزملاش، ئىمزا قويۇپ قوبۇل قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىشى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يەتكۈزگەندە ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەرلىشىش ۋە يەتكۈزۈش ۋاستىسى ياكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك قاتارلىق 7 تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى. 
    نىزامدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورگان، ئىدارىلەر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى شۇنداقلا 24 سائەت ئىچىدە ئوخشاش دەرىجىدىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 24 سائەت ئىچىدە دەرىجە بويىچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. 
    ئۇنىڭدىن باشقا نىزامدا يەنە ئالاقىدار قانۇنىي مەسئۇلىيەت ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: ئورگان ئىدارىلەردە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغان شارائىتتا بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلماسلىق ياكى دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەكشۈرۈش ياكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېلوسىنى تەكشۈرۈشتە ئالاقىدار ئورگان، ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ماسلىشىشنى رەت قىلىپ، كۆزبويامچىلىق قىلىپ، يوشۇرۇپ، ئىسپاتنى يوقاتسا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى قاچۇرسا ، تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلسا بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق