باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
چاغاندا جايلار مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:بەختىيا رتۇردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 09:54:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى

چاغاندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مول مەزمۇنلۇق رەڭدار ئۆرۈپ-ئادەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرگە ئەسلى پىراقلىق جۇڭگو يىلىنى ھىس قىلدۇردى. سىچۇەندىكى بېيچۇەن يېڭى ناھىيە بازىرىدا، چاڭزۇ ئاممىسى كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان 100 ئەجدىھا باناچا مەيدانىدا تەڭ پەرۋاز قىلىپ، 100 مىڭ تاماشىبىننى جەلىپ قىلدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى فۇنىڭ نەھىيىسىدىكىلەرنىڭ چاغاندا كوچا ئويۇنى ئويناش ئادىتىنىڭ داۋاملاشقىنىغا 300 يىلدىن ئاشتى. چاغاندا 200 نەچچە ئارتىس بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، كوچا-كويلارنى ئايلىنىپ، ياغاچ پۇت ئويۇنى، كېمە ھەيدەش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى كۆرسەتتى.

شيەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇشيەندە دېھقانلار داقا-دۇمباق، كاناي-سونايلارنى چېلىپ، ياڭگېر ئۇسۇللىرىنى ئوينىشىپ، كېلەي يىلى مول ھوسۇل ئېلىشنى تىلىدى. جياڭشىنىڭ گەنجۇدا يېزا كەنتلەردىكى كېجيالار خۇشال-خورام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

چاغان مەزگىلىدە بۇتخانا سەيلىسى راسا قىزىپ كېتىدۇ. 2-فېۋرال بېيجىڭدىكى دىتەن بۇتخانا سەيلىسىگە قاتناشقانلار 155 مىڭغا يەتتى. بۇ يىل دىتەن بۇتخانا سەيلىسىدە، بېيجىڭنىڭ كونا تيەنچياۋ رايونىنىڭ ئەئەنىۋىي ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش سەھنىسى ياسالدى. بۇنىڭدىن باشقا خېلو دۇمبىقى، سىچۇەنچە نەغمە-ناۋا، دۇڭبېينىڭ بەل دۇمباق ئۇسۇلى قاتارلىق ئويۇنلارمۇ مەيداننى قىزىتىۋەتتى.

تيەنجىنلىكلەرنىڭ چاغاننىڭ 3-كۈنى غوڭۇلداق ئويناش ئادىتى بار. ئۇلار غوڭۇلداقنى پېقىرىتىپ ئويناش ئارقىلىق، كېلەر يىلى ئىشلىرىنىڭ ئوڭغا تارتىشىنى تىلەيدۇ. شۇڭا غۇڭۇلداق تيەنجىننىڭ بۇتخانا سەيلىسىدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

قار مۇز بىلەن قاپلانغان خېيلۇڭجياڭدا گەرچە سىرتنىڭ تېمپىراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما سوغۇق ھاۋا ئاممىنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقىنى سوۋۇتالمىدى. چەمبىرەككە ئولتۇرۇپ دۆڭدىن سېرىلىش ئويۇنى، ئاتقا سۆرىتىلگەن چانا مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى. خېبېي ئۆلكسىنىڭ چۇڭلى ناھىيىسىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىشنىڭ پەيزىنى سۈردى.

شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرى، شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھەرلىرىدە ھەرمىللەت ئاممىسى ئېسىل نازۇ نىمەتلەرگە ئېغىز تىگىپ، مىللىيچە ئۇسۇللارنى ئويناپ، بايرامنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھىرلەندى.

چاغان مەزگىلىدە، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆزگىچە بايرام ئۆتكۈزدى.  دۆلەتلىك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولغان گۇيياڭ  لۇڭ دۇڭباۋ ئايرىدىرومىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىنى كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇش مەيدانى ۋە بېيجىڭ-فۇجيەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى جۇڭگو تۆمۈر يول 4-ئىدارىسىنىڭ ئەنخۇي بۆلۈكى ئىش ئورنىدا، قۇرۇلۇشچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرى كېچىلىك ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا يۇرتداشلىرى ئەۋەتكەن ۋىدىيولۇق بەخىت تىلەشلەرنى كۆردى.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق