باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلىوسىنى بىجىرىش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:بەختىيار تۇردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 15:45:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلىوسىنى بىجىرىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېينكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا مەخسۇس باپ ئاجىرىتىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار دىلوسىنىڭ ئالاھىدە تەرتىپى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بېجىرىش فاڭجىنى، پىرىنسىپى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەكسۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەر بەلگىلەندى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئاساسەن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى سۇنغان ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا تولۇقلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەلگىلىمىدە يەنە ئەدلىيە ئەمەلىيىتى داۋامىدا، بىر قىسىم قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش داۋامىدا، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشتە، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نام ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك. ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەرگە قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق