باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جىلىن تيەنچى قاراۋۇلخانىسىنىڭ شىۋىرغاندىكى چارلاش يولى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 15:59:53

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە پولكى تيەنچى قاراۋۇلخانىسى ھەر يىلى قىشتا قاتتىق سوغۇقتا چېگرا چارلايدۇ. ئاساسىي قاتلامغا بارغان مۇخبىر چاغاندىن بۇرۇن دېڭىز يۈزىدىن 2600 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى چاڭبەيشەن تېغىدىكى تيەنچى قاراۋۇلخانىسىغا بېرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە قار-مۇز دۇنياسىدىكى ئاجايىباتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىزغىرىن شامالدا تارتقان جاپالىرىنى ھېس قىلدى. مۇخبىر قاراۋۇلخانىغا دەسلەپ كەلگەندە، شامالنىڭ بەك چىقىدىغانلىقى ئاڭلىدى ۋە كۆردى. ئەمەلىيەتتە، تيەنچى كۆلىنىڭ ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولۇپ، بىردەمدىلا بوران چىقىدۇ، يەنە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شىۋىرغانغا ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، قاراۋۇلخانىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر يەنىلا چارلاشقا چىقىپ، چارلاش، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ.

قاراۋۇلخانا بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئورنى بەك يىراق ئەمەس، ئەسلىدە بىر چىغىر يول بار ئىدى، لېكىن قېلىن قار بىلەن كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى. ھەر كۈنى 70 گىرادۇسلۇق تيەنۋېن چوققىسىغا چىقشىقا توغرا كېلەتتى، كونا ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن بۇ دائىملىق ئىشقا ئايلانغان، لېكىن ئەمدىلا قاراۋۇلخانىغا كەلگەن يېڭى ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن بىر جاپالىق سىناق. ھەر قېتىم تاغقا چىقىشتىن بۇرۇن، قاراۋۇلخانا باشلىقى جاڭ ياڭ يېڭى ئەسكەرلەرنى ئۆزىنىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاغقا چىقىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەكرار ئۆگىتىدۇ. تاغقا چىققانسېرى تىكلىشىپ بارىدۇ. ھەر بىر قەدەم ئېلىشمۇ بەدەن ۋە ئىرادىگە نىسبەتەن بىر خىرىس. تيەنۋېن چوققىسىغا چىقىشتا، ئەسۋابلارنى ئورنىتىشتىن ئەھۋالنى كۆزىتىشكىچە پەقەت ئۈچ مىنۇتلا كېتىدۇ. تاغقا چىقىش ئاسان، چۈشمەك تەس، يول تىك، بوران قاتتىق، قار تېيىلغاق بولغاچقا، بىخەتەرلىك ئۈچۈن، ئارغامچا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر يەسلى بالىلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنى قاتار تېڭىۋېلىپ، بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولىدۇ.

شۇ كۈنلۈك چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۇھ دەپ ئارامىغا چۈشىدۇ ھەم كېچىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدۇ، قاتتىق بوران ئىشىك، دېرىزىلەرنى ئۇرسىمۇ، لېكىن چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە كۈچ بېغىشلىغاندەك بولىدۇ. ئەتىسى قىش قۇياشىنىڭ نۇرى چاڭبەيشەن تېغىنى يورۇتقاندا، ئۇلار يەنە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق