باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىز تىرىشىپ يېزا مەكتەپلىرىگە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلاپ بېرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:بەختىيا رتۇردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-03 15:59:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت دەرىسى ئاچالماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا چۈشۈرگەن بىر خىزمەت ئۇقتۇرۇشىدا: دەرىسلىك لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن دەرىس ۋاقتى ۋە مەكتەپنىڭ سىنىپ دەرىجىسى سانىغا ئاساسەن، پىلانلىق، باسقۇچقا بۆلۈپ، مەخسۇس سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولوقلاپ بېرىش، يېزا، چەت-يىراق، نامرات ۋە مىللىي رايونلاردىكى يېزا-بازار مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىن يۇقۇرى مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىنى نۇقتىلىق تولۇقلاپ بېرىشنى تەكىتلىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ناھىيە، رايون ئىچىدە سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئالمىشىپ ئىشلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى نىشانلىق ئالاقىلىشىش، يېزىلارغا چۈشۈپ ئارىلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. ئالى مەكتەپلەر، بولۇپمۇ پىداگوكىكا مەكتەپلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە تايىنىپ، يېزا مەكتەپلىرىدا ئوقۇتۇش پىراكتىكا بازىلىرىنى قۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ پىراكتكا قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق