باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
قانۇنسىز يەر ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-06 16:49:04

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ 6-فېۋرال خەۋىرى:

2013-يىللىق غەربىي شىمال رايونىنىڭ يېرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە، غەربى شىمالىي رايونلاردا قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەر ئىگەللىۋىلىش مەسىلىلىرى ئاۋالقىدەكلا ئېغىر ئىكەن، يەر ئەھۋالىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر 15 مىڭ گېكتارغا يېتىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا كۆلىمى 30 مىڭ موغا يېتىدىغان قانۇنغا، بەلگىلىمە خىلاپ يەر ئىشلىتىش مەسىللىرى بايقالغان.

ئىگەللىنىشچە، مەركەزلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا ھەر خىل يەر ئىشلىتىش مەسىلىرىدىن چوڭ 21 تۈر بويىچە 363 مەسىلە بايقالغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق يەر 14 مىڭ 800 گېكتارغا يەتكەن. ئەمەلىي تەكشۈرۈش داۋامىدا نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ خېلەن ناھىيەسىدە 2293 گېكتار يەر، شىنجاڭنىڭ شىخەنزە شەھىرى نەنشەن يېڭى رايونىدا 2633 گېكتار يەر، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرى پىڭئەن ناھىيەسىدە 456 گېكتار بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئىشلىتىش مەسىلىسى بايقالغان.


 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق