باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-13 15:52:17

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىم ئامىل كۈزلۈك ئاشلىقتا، مۇھىم ھالقا-ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشتا. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئېلىمىزدە پەيدا بولىدىغان ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى ئېلنىنو ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتىدە، ئاپەتنى ئازايتىپ، مەھسۇلاتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش نىشان قىلىنىپ، تۈرگە بۆلۈپ يېتەكلەش كۈچەيتىلىپ، ئاپەتكە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۆسۈش، بالدۇر پىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، قاتتىق ئىسسىق، قاتتىق سوغۇق، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكا يولى قىلىنىدىكەن، نۇقتىلىق جايلار، ئاساسلىق زىرائەتلەر، مۇھىم ھالقىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېتەكلەش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، ھالقىلار چىڭىتىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مول ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى شەرقىي شىمالدىكى كۈزلۈك ئاشلىق، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې ۋادىلىرىدىكى يازلىق كۆممىقوناق، جەنۇبتىكى ئارا، كەنجى شال ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا ئەۋەتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدىكەن شۇنداقلا ئوخشىمىغان زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە ئېغىر ئاپەت يۈز بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇتەخەسسىسلەرنى رايون، زىرائەت ئايرىمىسى بويىچە يېتەكلەشكە تەشكىللەيدىكەن ھەم نۇقتىلىق جايلار ۋە ئاپەت ئېغىر بولغان جايلارغا بېرىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ھەم سەييارە يېتەكلەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق