باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىككى مىليون ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى مەملىكەت دەرىجىلىك سەھنىسىدە كۆرسىتىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-13 15:54:15

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى 7-ئايدا قوزغىغان بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئەلا دەرس سۆزلەش، بىر سىنىپتا بىر ئوقۇتقۇچى سۆزلەش پائالىيىتىدە، ئىككى مىليون ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى دۆلەت مائارىپ بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سەھنىسىدە كۆرسىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى ئەلا دەرس بولۇپ باھالىنىدۇ.

پائالىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلار سۇنغان توردا كۆرسىتىلىدىغان دەرس مەزمۇنى-بىر مۇكەممەل سىنىپتا ئوقۇتۇشنى لايىھەلەش، كېرەكلىك دەرس ماتېرىياللىرى ۋە ئالاقىدار بايلىق ياكى بايلىقنى تۇتاشتۇرۇش، شارائىتى يار بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار يەنە سىنىپتىكى دەرس سۆزلەش ئەھۋالىنى تورغا چىقىرىش ھەم سىناق، مەشىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، توردا دەرس كۆرسىتىش پائالىيىتى كېلەر يىلى 6-ئايدا ئاياغلىشىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تور ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، جۈملىدىن باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر، تولۇق ئوتتۇرا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەر يىللىق، ھەر قايسى پەنلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق