باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئوتتۇرا غەربى قىسىمنىڭ ئىقتىسادى يېڭى پۇرسەتكە دۇچ كەلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 10:01:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادى بېسىم زور بولغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پەسەيمىگەن ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلەت خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ئوتتۇرا غەربى قىسىمنىڭ تۆمۈر يول، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىنمىنى نىشانلىق كۆپەيتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى.

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىر كېلىدىغان لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچ ئۆلكىنىڭ ھەممىسى مېۋە -چىۋە ماكانى، ھەر يىل 5-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان يىلنىڭ كۆپ يېرىمىدا يېڭى مېۋىلەر بازارغا سېلىنىدۇ. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ. جايلارنىڭ مېۋىلىرى بۇ تۆمۈر يول ئارقىلىق سىرتقا توشۇلىدۇ.

شىنجاڭدا تىرانسپورت مىقدارى ھەر قېتىم %10 كۆپەيسە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2.2 پوئىنتى ئاشىدۇ، تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر يۈەن مەبلەغ كۆپ سېلىنسا 9 يۈەنلىك ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان 31 بېكەت شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىقتىساد كارىدورىنى تۇتاشتۇرماقتا.

شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن تۆمۈر يولدا 14 يېڭى لىنىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى، %80تىن كۆپرەكى ئوتتۇرا غەربى قىسىمغا مەركەزلەشتى.

مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللارغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىمۇ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۈچ دەرىجىلىك سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى، مەملىكەت بويىچە مەبلەغ سېلىش سوممىسى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 630 مىليارد يۈەندىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 700 مىليارد ، 720 مىليارد ۋە 800 مىليارد يۈەنگە كۆپەيتىلدى، 1دە 9 نىسبەت بويىچە مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادتا 7 تىرىليون يۈەن ئەتراپىدىكى تۈرتكۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

مەبلەغ سېلىشنىڭ تېز بولۇشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، رايون ئىقتىسادىنىڭ زور تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بەزى قۇرۇلۇشلارمۇ پۈتتى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا شاڭخەيدىن چېڭدۇغا بارىدىغان شاڭخەي چېڭدۇ تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تۆمۈر يولى بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 11 ئۆلكە شەھەرنى قاپلىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى شەكىللەندى، بۇ پۈتۈن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئېلىمىز ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60كە يېقىن قىسمىنى ئىگىلەيدىغان رايونلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق