باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 10:42:52

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

پاختا دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشياسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كېۋەز تەتقىقاتخانىسى قۇرۇلغان 57 يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەملىكەتكە باشلامچى بولىدىغان يېڭى سورتلارنى ئۆزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ چىقتى.

كېۋەزگە قۇرۇت چۈشۈشتىن ساقلىنىش دۇنياۋى قېيىن مەسىلە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرى، ئېلىمىزدە كەڭ كۆلەملىك زىيانداش ھاشارات يامراپ، ئۇدا بىر نەچچە يىل پاختا مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە ئازايدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ دېلتا پىن پاختا شىركىتىنىڭ ئىلغار گېن ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كېۋەزگە چۈشكەن قۇرۇتقا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكىسى جۇڭگونىڭ %95 بازىرىنى ئىگىلىدى، ئۇلار يەنە ئەگەر جۇڭگو 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىشقا قوشۇلسا، بىز ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالى بىلەنمۇ تەمىنلەيمىز، دېدى.

تېخنىكا چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئىنستىتۇتى كېۋەز تەتقىقاتخانىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كېۋەز پەن تەتقىقات كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ تۆت بەش يىل ۋاقىت ئىچىدىلا، ئېلىمىز تۇنجى قېتىم جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئىنستىتۇتى كېۋەز تەتقىقاتخانىسىنىڭ 29-نومۇرلۇق كېۋەزگە چۈشكەن قۇرۇتقا قارشى يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، چەتئەلنىڭ سورتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ سورتنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، مەھسۇلات قىممىتى يەنە %20 يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز دۇنيادىكى 2- بولۇپ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە گېن ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كېۋەزگە چۈشكەن قۇرۇتقا قارشى سورتقا ئىگە دۆلەتكە ئايلاندى. 2010-يىلغىچە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئىنستىتۇتى كېۋەز تەتقىقاتخانىسىنىڭ كېۋەزگە چۈشكەن قۇرۇتقا قارشى سورتىنىڭ بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى %98 كە يەتتى.

بۇ تەتقىقاتخانا قۇرۇلغان 57 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئىنستىتۇتى كېۋەز تەتقىقاتخانىسى 88 خىل كېۋەز سورتىنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 22 خىل. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ھەر مويەرنىڭ مەھسۇلاتى 10 كىلوگرام 700 جىڭدىن ھازىرقى ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلاتى 96 كىلوگرام 700 جىڭغا ئۆستى. پاختىنىڭ ئومۇمى مەھسۇلاتى ۋە كەڭ كۆلەملىك بىرلىك مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق