باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئالدىنقى يېرىم يىلدا 2 مىليوندىن كۆپرەك كەپىلىك مەھەللە ئاھالىسى دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قەرزىدىن نەپ ئالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 17:02:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 14-ئىيۇل سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا بانكىمىز كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قەرزىدىن يېڭىدىن 676 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ بېرىشىكە ۋەدە بەردى، بۇ ئۆتكەن يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 18 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛  بۇ يىل 219 مىليارد 500 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىپ،  2 مىليون 130 مىڭ كەپىلىك مەھەللە ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزىمىز،دېدى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن جىجې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى مۇلازىمەتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى: تۆمۈر يول قەرزىدىن 62 مىليارد 300 مىليون يۈەن تارقاتتى، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ساھەسىگە 683 مىليارد 200 مىليون يۈەن قەرز تارقاتتى. ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسى قەرزىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %63.7 كە يەتتى، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش قەرزىدىن 100 مىليارد 9 مىليون يۈەن، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ قەرزىدىن 97 مىليارد 300 مىليون يۈەن، مەدەنىيەت قەرزىدىن 21 مىليارد 800 مىليون يۈەن، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قەرزىدىن 13 مىليارد 300 مىليون يۈەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قەرزىدىن 50 مىليارد يۈەن، نامراتلارنى يۆلەش قەرزىدىن 119 مىليارد 900 مىليون يۈەن، ياشانغاندا كۈتىنىش قەرزىدىن 323 مىليون يۈەن تارقاتتى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق