باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دېھقانلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيۋاتقان جاۋ يافۇ زادى كىم؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 14:44:27

«بېيىشنى ئويلىسىڭىز جاۋ يافۇنى ئىزدەڭ، ئۇنى تاپسىڭىزلا چوقۇم بېيىپ كېتىسىز» دېگەن بۇ سۆزنىڭ جېنجياڭدا تارقىلىپ يۈرگىنىگە 30يىل بولدى. دېھقانلار جاۋ يافۇنى بېيىشكە يېتەكلەشتىكى باشلامچىسى دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا دېھقانلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيۋاتقان جاۋ يافۇ زادى كىم؟ جاۋ يافۇ جېنجياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى. دېھقانلار ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىغا دائىر مەسىلىلەرگە ئۇچرىغاندا، ھەمىشە ئۇنىڭغا تېلىفون بېرىپ مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇ ياردەم تەلەپ قىلغانلارنىڭ تەلىپىنى ئامال بار قاندۇرىدۇ. شۇڭا دېھقانلار ئۇنى دېھقانلارنىڭ نىجاتكارى دەپ ئاتايدۇ.

بۆلجۈرگەن ئادەتتە يەردە ئۆسىدۇ، مەيلى ئۆستۈرۈش ياكى ئۈزۈشتە ئىگىلىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بەيتۇ بازىرىدىكى بۆلجۈرگەنلەر بىر مېتىردىن ئىگىز جازىنىڭ ئۈستىدە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ بۇ ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ھېساپلىنىدۇ. بۇ تاماشا قىلغاچ ئۈزۈش كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا بەك ماس كېلىدىغان بولۇپ بۇ جاۋ يافۇ بۇلتۇر جۈروڭ شەھىرى بەيتۇ بازىرىغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى تۈر. جياڭسۇ ئۆلكىسى جۈروڭ شەھىرى بەيتۇ بازىرىدىن دېھقان جى روڭشى مۇنداق دېدى: بۇنداق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى، يۇقىرى ئىستىمالغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈۋېلىنسا، سىرتتىكىدىن بەش يۈەن قىممەت.

ھازىر بۇ يەردىكى دېھقانلار جاۋيافۇغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورتلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما 30 يىل بۇرۇن جاۋ يافۇنىڭ يېڭى ئۇسسۇللىرىنى ئۇلارغا سىنىتىپ بېقىشى تولىمۇ تەسكە توختىغان. 1982-يىلى، جاۋ يافۇ جېنجياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. ئۇ چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققاندا، تۇنجى قېتىم بۆلجۈرگەننى يېگەن. مول يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، يۇرتىدىكى دېھقانلارنىڭ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرسە، چوقۇم بېيىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۆلجۈرگەن مايسىلىرىنى ئېلىپ قىزغىنلىق بىلەن قايتىپ كەلگەن ئەمما نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان. جياڭسۇ ئۆلكىسى جۈروڭ شەھىرى بەيتۇ بازىرىدىن ئاگرونوم جاڭ دوڭسەي مۇنداق دېدى: تەمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەچكە، پۇقرالار بىزنىڭ مايسىلارنى ئېلىپ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپلا ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى. بەزىلەرگە مەجبۇرى بەرسەكمۇ يەنە ئالمايدىغانلار چىقتى، بەزىلەر قويلىرىغا يەم قىلىپ بېرىۋەتتى.

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان جاۋ يافۇ بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالمىغان. ئۇ بەيتۇ بازىرىدا توققۇز پۇڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۆلجۈرگەننى ئۆزى ئۆستۈرۈپ دېھقانلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان. بىر يىلدا بىر موغىمۇ يەتمەيدىغان يەردىكى بۆلجۈرگەندىن ئىككى مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان. شۇ چاغلاردا پايدىسى ياخشى بولىۋاتقان قىچىدىن بىر مو يەردىن ئاران ئۈچ، تۆت يۈز يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپتىكى نۇرغۇن دېھقانلارنى جەلپ قىلغان بولۇپ جى روڭشى شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. جى روڭشى مۇنداق دېدى: ئىككى، ئۈچ يىلدىن كېيىن بىنا ئۆي سېلىۋالدۇق، شۇ ۋاقىتتا 70، 80 مىڭ يۇەنگە داچا سېلىش قالتىس ئىش ھېسابلىناتتى.

قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدە جۈرۇڭدىكى دېھقانلار بۆلجۈرگەننىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. بۆلجۈرگەن تېرىغان بىلەنلا ئىش ھەل بولمايدىغان بولۇپ جاۋ يافۇ يەنە ئۇلارنى تىجارەت قىلىشقا يېتەكلىگەن. ئۇ بازاردىكى چوڭ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرىدىغان بەش چوڭ دېھقاننى ياپونىيەگە بىللە ئاپىرىپ، ئىلغار باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بۆلجۈرگەن، ئۈزۈم، شىرنىلىق شاپتۇل قاتارلىق كەسپىي كوپېراتىپ كەينى-كەينىدىن قۇرۇلغان.

30 يىلدىن بۇيان جاۋ يافۇ ياپونىيەگە 18 قېتىم بېرىپ، بۆلجۈرگەن، ئۈزۈم، شىرنىلىق شاپتۇل، ئايدىڭ شال قاتارلىق مېۋە-زىرائەتلەرنىڭ 170دىن ئارتۇق ئىلغار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ياكى پەن-تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 70نەچچە تۈرنى ئېلىپ كىرگەن. ئۇ كىرگۈزگەن ئەلا سورتلۇق مەھسۇلاتلار مەملىكەت ئىچىدىكى 20نەچچە ئۆلكىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نەچچە مىليونلىغان دېھقان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا ماڭغان. جاۋ يافۇ يېرىم ئۆمۈر يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2001-يىلى پېنسىيىگە چىققان. ئەينى چاغدا ئۇ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش مېنىڭ ئاخىرىقى ئارزۇيۇم ئەمەس، دېگەن. جاۋ يافۇ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتا ئاكىتىپ بولۇشتىن باشقا يەنە پايدا يارىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەڭ ئەقەلىيسى شەھەرلىكلەردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئەمما يالغۇز بۇلارلا يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە گۈزەل يېزا مۇھىتى، يېزا ئېكولوگىيە مۇھىتىمۇ بولۇشى كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا، مۇھىتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتساق بولمايدۇ. يەنە بىرى زامانىۋىي ھەم مەدەنىي ئىدىيە بولۇش كېرەك.

جاۋ يافۇ 60ياشقا كىرگەندە جۇڭگونىڭ زامانىۋىي دېھقانلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى نىشانى بار بولۇپ ئۇ دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ بىخەتەر شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىلغاندىلا ئەڭ ئۇزۇن پايدا يارىتالايدۇ. ئۇ سىترولۇق ئورگانىك ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئەنئەنىۋىي جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ ئۆزىگە قىيىن مەسىلە تۇغدۇرغان. يەنى جۈرۇڭدىن ئىبارەت مانا بۇ ئەڭ نامرات كەنتتە بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىشى تەس ئىدى. جاۋ يافۇ مۇنداق دېدى: بىر يولداش ماڭا: جاۋ يافۇ، سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بەك گۈزەل، ئەمما ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىم، ئەمما بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۆزۈم ئىشنى ئاستا-ئاستا باشلاش.

جاۋيافۇ 2011- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە توپتوغرا ئۈچ يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. جۈرۇڭ شەھىرى تيەنۋاڭ بازىرى دەيجۇاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى مۇنداق دېدى: بۇ تاغلىق كەنت بولغاچقا قايسى يەرگە قانداق نەرسە تېرىش ئۈچۈن بىر ئايلىناتتۇق. بىر ئايلىنىش ئۈچۈن 7كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەتىگەندە ئايلىنىشقا باشلىساق چۈش سائەت 11، 12لەر بولۇپ كېتىدۇ. تاغنى توختىماي يەنە ئايلىناتتۇق. شۇ چاغلاردا 7-ئاي ئىدى، ھاۋامۇ ناھايىتى ئىسسىق. ئورمانلىق، ئويمانلىقلارنى ئايلاندۇق، شۇ چاغدا ئۇنىڭ پېشانىسىدىن مۇنچاق–مۇنچاق تەر توختىماي ئاققان ئىدى.
2004-يىلىدىن باشلاپ، 60ياشلاردىكى جاۋيافۇ 50ياشلار ئەتراپىدىكى دەيجۇاڭلىق دېھقانلارغا باشلامچىلىق قىلىپ سىترولۇق ئورگانىك ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇنىڭ بىلەن تاغ ئۈستىدە ئىكولوگىيەلىك ئورمانلىق، تاغ ئوتتۇرىسىدا ئورگانىك چايزارلىق، تاغ ئېتىكىدە ئورگانىك شال ۋە مېۋىلىك دەرەخلەر بارلىققا كەلگەن. ئۇ پاي ھەمكارلىق شەكلى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىشىغا ياردەملەشكەن. ئۇ يەنە ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىلەرنى تەكلىپ قىلىپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىلىرى بويىچە دېھقانلارنى يېتەكلىگەن. شەھەردىكىلەرنىڭ ئورگانىك گۈرۈچلەرنى تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن گۈرۈچنى شەھەرگە ئۆزى ئاپىرىپ ساتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي دەيجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشقان. جۈرۇڭ شەھىرى تيەنۋاڭ بازىرى دەيجۇاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى مۇنداق دېدى: 2007-يىلىغا كەلگەندە 30،40 مىڭ يۈەن، 2008-يىلى ئاز دېگەندىمۇ 40، 50مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى يىلى ئاز دېگەندە 100مىڭ يۈەن پايدا ئالدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا پايدىمىز 150مىڭ، 200مىڭ يۈەنگە چىقتى. ھازىر بىز ئۆستۈرگەن كۆكتاتلار ناھايىتى يېيىشلىك. ئەڭ مۇھىمى ئىھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، بۇ كۆكتاتلار جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. چۈنكى بىز ئورگانىك كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۇق، شۇڭا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆكتات دەيمىز.

جاۋيافۇ، دېھقانلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى، بىراق دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ پايدىنى قوغلىشىپ خىمىيلىك ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىغا تايىنۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە يەنىلا ئىزدىنۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. جاۋيافۇ مۇنداق دېدى: بۇ كەنتكە نىسبەتەن، ئۈچ يېزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۈمىد بار. ئەلۋەتتە، توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، جاپا-مۇشەققەتكە چىدىساق، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا مەقسىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

جاۋ يافۇ دېھقانلار بىلەن بىرگە جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، باشلامچى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىپ مىليونلىغان دېھقاننى بېيىش ئارزۇسىغا يەتكۈزگەن. بۈگۈنكى كۈندە بۇ بوۋاينىڭ يەنە بىر ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ بەختىيار ماكان قۇرۇشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش. ھازىر نۇرغۇن ياش تېخنىكلار جاۋيافۇ بىلەن بىرگە يېزىلارغا بېرىپ، دېھقانلارغا ياردەم بەرمەكتە. يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق