باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ تىجارەتنى ياخشىلاش سىناق دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 14:21:05

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ تىجارەتنى ياخشىلاش سىناق دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلدى، تۆمۈر يول، پوچتا ۋە تېلېگراف كەسپى داۋاملىق سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، باج سالمىقىنى ئازايتىش داۋاملىق كېڭەيتىلدى. ئىقتىساد تۆۋەن بولۇش بېسىمى، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك باج ئازايتىشتىن ئىبارەت قوش ئامىلنىڭ تەسىرىدە، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە چۈشتى، شۇنداقتىمۇ باج كىرىمى %8.5 ئاشتى. بۇ مالىيە كىرىمى سۈپىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى، ئېشىش ئاساسىنىڭ بىر قەدەر پۇختا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۆتكەن يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى %8.8 بولۇپ، %8 ئاشۇرۇش كۆزلىمىسى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنلاندى. ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتسە، ۋەزىپىنىڭ يېرىمى ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا مۇقىم قېلىپ بارلىققا كەلدى، بۇ ئاساسلىقى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇۋاپىق ئارىلىقنىڭ ساقلانغانلىقى، ئېلىمىز يولغا قويغان ئىسلاھات قەدىمى بىلەن بىردەك ماسلاشقانلىقىدىن بولدى.

6-ئايدا مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمى 1 تىرىليون 652 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.1 ئاشتى، نۇقتىلىق تۈرلەر خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېز بولدى. قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، سۈپەت، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھۆكۈمەت مالىيە چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ زاپىسىنى جانلاندۇردى، بۇ كېلەر يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىدا مۇھىم تۈۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى مالىيە مەبلىغىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق