باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ليۇ يۈەنشەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش ئۆستۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 14:54:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈەنشەن 14-ئىيۇل مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش ئۆستۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشتە غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشتا قەتئىي بوشاشماستىن چىڭ تۇرۇش، ياش كادىرلارنى ئىدىيەۋى بازىنى مەھكەم ئىگىلەشكە، يول، نەزەرىيە، تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش- كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپى ۋە جاپالىق رايونلاردا، جىددىي ۋە ئېغىر ۋەزىپىلەردە چېنىقتۇرۇپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، باشتىن –ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇزۇن يولدا ماڭغۇزۇش كېرەك. ياخشى كادىر تەربىيەلەش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ. ياخشىچاقلىق ياخشى كادىرلارنى يېتىشتۈرەلمەيدۇ، قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، چەكلەشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ياش كادىرلارنى قائىدە ئېڭى، ئىنتىزام نۇقتىئىنەزىرىنى كۈچەيتىپ، پاك ئەمەلدار بولۇش، پۇختا ئىش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق