باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
تاموژنا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 16:27:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مۇرەككەپ كەسكىن تاشقى سودا ۋەزىيىتىگە قارىتا تاموژنا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا مەدەت بېرىپ، تاشقى سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سىياسەت كاپالىتىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتتى.

1-ئىيۇل، بېيجىڭ تيەنجىن خېبېي رايونى تاموژنىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئالدى بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن تاموژنىسىدا باشلاندى. شۇ كۈنى بېيجىڭ تيەنجىن تاموژنىسى قوبۇل قىلغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى 15 مىڭ 894 بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكەن يۈك ئەڭ تېز بولغاندا 1 مىنۇت ئىچىدە تاموژنىدىن ئۆتۈپ بولدى. شۇ كۈنى تاموژنا باش مەھكىمىسى چېگرا ھالقىغان سودا ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش بىرلىككە كەلگەن نۇسخىسىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۈەندە باشلاندى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ 10 مىڭ 496  تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرى بۇ سىستېما ئارقىلىق تاماملاندى.

تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ گۇاڭجى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: تاموژنا باش مەھكىمىسى سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى بىلەن تاموژنىدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ھەمكارلىقىدا بىر قېتىملا ئىلتىماس قىلىپ، بىر قېتىملا تەكشۈرۈپ، بىر قېتىمدىلا ئۆتكۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىندا يولغا قويۇش دائىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەتكىچە كېڭەيتىدۇ.

جاڭ گۇاڭجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تەدرىجىي قاتلامغا بۆلۈپ ئومۇملاشتۇرىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق