باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئالتە چەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغا ئېلىشىنى قاتتىق مەنئىي قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 16:02:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو ئىستانسىسى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

 مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئالتە چەكنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەر قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلار تەقدىم قىلغان سوغا ۋە پۇل، قىممىتى بار ئاكسىيە ۋە تۆلەم تالونى قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىشىنى قاتتىق مەنئىي قىلىشمۇ بار.

«ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلاردىن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەتتە مۇنداق ئالتە چەك ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلار تەقدىم قىلغان ماددىي بۇيۇم ۋە پۇل، قىممىتى بار ئاكسىيە ۋە تۆلەم تالونى قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلار ئورۇنلاشتۇرغان ئىمتىھانغا، باھالاشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان زىياپەتلەرگە قاتنىشىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلار ئورۇنلاشتۇرغان ھەققىنى تۆلەپ قويغان ساياھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى ياكى ئۇرۇق تۇغقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەپ قويۇشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ، ژۇرنال، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق سودا مۇلازىمىتىنى سېتىپ پايدىغا ئېرىشىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشكەن باشقا ھەرىكەتلەر قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق