باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ج خ مىنىستىرلىقى زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى مەركەزلىك ئوڭشىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 16:36:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو ئىستانسىسى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

 2014-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. مۇخبىرنىڭ 14-ئىيۇل ئىگىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى 27-ماي زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى مەركەزلىك ئوڭشاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە زور ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن 8227 سى تەكشۈرۈلگەن، 1374 ى تۈزىتىلگەن؛ رايون خاراكتېرلىك ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى 2987 جايدا بايقالغان. 119 ىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتى 10-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن. كېيىنكى باسقۇچتا ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئالاقىدار كەسىپ باش مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى مەركەزلىك تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ  ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 مىنىستىرلىق كومىتېت يەنە كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى نېفىت خىمىيە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى، ئاسان ئوت ئالىدىغان ئورۇنلار، قەدىمى شەھەر قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق مۇھىم سورۇنلار ۋە مەكتەپلەردىكى دوختۇرخانا پاراۋانلىق ئاپپاراتى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردا زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق