باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت بويىچە ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 16:50:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىناق قىلىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش- ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش، ئىستىل ئۆزگەرتىش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ئاشكارلىقى، ئىنىقلىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى « ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇش چارىسى»نى ئېلان قىلغان ئاساستا، ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇش سىنىقىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شىنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى شىنجىن شەھىرىنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇش سىنىقى شەھىرى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە شىنجىن شەھىرىدىن سودا سەھنىسى بەرپا قىلىش تىجارىتىنى بازارلاشتۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ پاراۋانلىق ۋە مەمۇرى جەھەتتە نازارەت قىلىش سۇپىسىنىڭ مۇستەقىللىقىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن بەلگىلىمە سىياسەت مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش، ئالاقە ۋە ئۇچۇردىن بەھرىمان بولۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىكترونلۇق خىرىدار چاقىرىش، خىرىدار بولۇشتا يىڭىلىق يارىتىشتىكى سىناقلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق