باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
«يادرولۇق قىممەت قارىشى توغرىسىدا يۈز مەيدان لېكسىيەنىڭ» 6-مەيدانى دۆلەت كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-04 16:29:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، نۇر گېزىتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتى، جۇڭگو نەزەرىيە ئىلمىي جەمىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان«يادرولۇق قىممەت قارشى توغرىسىدىكى يۈز مەيدان لېكسىيە» نىڭ 6-مەيدانى 3-سېنتەبىر دۆلەت كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭ «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىپ چىقىپ، قىممەت تونۇشىنى بېيىتايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە نەق مەيداندىكى تاماشىبىن ۋە تورداشلار بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

لېكسىيەدە ۋاڭ مىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى  چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەزمۇنىنى كلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ شەرھىلىدى، يادرولۇق قىممەت قارىشىغا بولغان تونۇشنى بېيىتتى ۋە تولۇقلىدى.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتى، دۆلەت كۈتۈپخانىسى قاتارلىقلاردىن كەلگەن 200 نەچچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇرمەن نەق مەيدانغا بېرىپ لېكسىيەنى ئاڭلىدى، نۇر گېزىتى تورى نەق مەيداندا توردا بىۋاستە كۆرسەتتى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 4 مىليون 170 مىڭ تورداش بۇنى كۆردى، 393 مىڭ تورداش مىكرو بلوگ، مۈنبەر قاتارلىقلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق